خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ، خەلقئارا سوت خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى رەت قىلغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن، پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مانېۋىرنىڭ 3-دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بۇ ئىككى دۆلەت قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نورمال مانېۋىر. ئۇ رۇسىيە-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان» دېگەن.
لېكىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي بىلەن رۇسىيەنى مانېۋىردا خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىشقا چاقىردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربي، جەنۇبىي دېڭىزدا ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «بىز مانېۋىر ياكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىزگە ئوخشاش خەلقئارا مەجبۇرىيەت ۋە قانۇنلارغا ئەمەل قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشىنى كۈتىمىز» دېگەن.
خەلقئارا سوت 12-ئىيۇل كۈنى فىلىپپىننىڭ ئەرزىگە ئاساسەن جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا كېسىم چىقىرىپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنىڭ «تارىخىي ئاساسىي يوق» دەپ ئېلان قىلغان.
بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقئارا سوتنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، مەزكۇر رايوندا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جەنۇبىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، سۈنئىي ئارال ياساشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.