بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 19-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كرېمىل سارىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن نىكولاي پاترۇشېۋ (Nikolai Patrushev) شۇ كۈنى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ بىرلىكتە غەربكە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغالدى.
«رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك كېڭىشى» (SCRF) نىڭ باش كاتىپى بولغان نىكولاي شۇ كۈنى موسكۋادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا «بىز رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا شېرىكلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتا ئاكتىپ تەرەققىياتلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىستەيمىز» دېگەن. شۇنداقلا نۆۋەتتە غەرب دۇنياسىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاينى قىسماققا ئېلىشنى جىددىيلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ ھەمكارلاشمىغاندا بۇ خىلدىكى «قىسماققا ئېلىش» ھەركىتىگە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
«تورونتو يۇلتۇزى» گېزىتىنىڭ 19-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ يى بۇ قېتىمقى موسكۋا زىيارىتىدە ئۈستىگە ئالغان يەنە بىر ۋەزىپە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىكى بېيجىڭ زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئىشلارنى تاماملاش ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نىكولاي پاترۇشېۋ، «رۇسىيە ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن، شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭ ھەققىدىكى سىياسەتلىرىنى قوللايدۇ» دېگەن. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىردەك يامانلىشىۋاتقان رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئۆز ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى ئاشكارا ئەيىبلەپ باقمىغانلىقى ھەمدە رۇسىيەنى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن يوشۇرۇن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىدىكى بەزى سەۋەبلەرنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.