رۇسىيەنىڭ تاتار ۋە باشقىرت جۇمھۇرىيەتلىرىدە يەرلىك تىل ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن
2017.12.23
سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىقىلىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، رۇسىيە فېدىراتسىيەسى تەۋەسىدىكى چېچىنىيە، ئېنگۇشىيە، تاتارىستان، باشقىرتىستان، چۇۋاشىيە قاتارلىق يەرلىك جۇمھۇرىيەتلەر تېخىمۇ يۇقىرى ئاپتونومىيە ھوقۇقى، ھەتتا بەزىلىرى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە چېچىنىيەدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان قانلىق ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، يۈزمىڭلىغان ئىنسانلار ھاياتىدىن ئايرىلدى ياكى خانىۋەيران بولدى.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېلتسىندىن كېيىنكى قاتتىققول پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ كافكازدىكى تىنچىماس خەلق چېچىنلارنى ۋاقىتلىق تىنچىتتى. ھالبۇكى، رۇسىيە فېدىراتسىيەسى قارمىقىدىكى يەرلىك جۇمھۇرىيەتلەردە، بولۇپمۇ تاتارىستان، باشقىرتىستان قاتارلىق رايونلاردا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان رۇس مىللەتچىلىكىگە قارشى يەرلىك تاتارلار ۋە باشقىرتلارنىڭ ئانا تىل ھوقۇقى، مەدەنىيەت ھوقۇقى ۋە مىللىي كىملىك ھوقۇقىغا بولغان قانۇنىي تەلىپى بارغانسېرى كۈچىيىپ باردى.
باش شتابى پراگادىكى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ تاتار ۋە باشقىرت بۆلۈمى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تىل ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ئورنى مەسىلىسى تاتارىستان بىلەن باشقىرتىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپىدە ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىش قوزغىغان تېمىغا ئايلانغان. بۇ يىل نويابىرنىڭ باشلىرىدىن تاكى ھازىرغىچە تاتارىستان بىلەن باشقىرتىستاندا مىڭلىغان يەرلىك سەرخىللار، زىيالىيلار ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار كۆپ قېتىم ئاممىۋى يىغىلىش تەشكىللەپ، نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئۇلار بىردەك يەرلىك جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى يەنىمۇ كۈچكە ئىگە قىلىش، ئۇلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئاپتونومىيەسىنى قوغداش، مەكتەپلەردە ئانا تىللىق ئوقۇتۇشنى ساقلاش، رۇسىيەنىڭ يەرلىك مىللەتلەرنى ئېرىتىش سىياسىتىنى بايقۇت قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 7-ئايدا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن رۇسىيە فېدىراتسىيەسى تەۋەسىدىكى يەرلىك جۇمھۇرىيەتلەردە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى رۇس بالىلىرىغا تاڭماسلىق، مەكتەپلەردە يەرلىك يەرلىك تىللارنى ئۆگىتىش دەرس سائىتىنى قىسقارتىش ھەققىدە سۆز قىلغان. بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە فېدىراتسىيەسى تەۋەلىكىدىكى كۆپلىگەن مىللىي جۇمھۇرىيەتلەردە پۇتىننىڭ بۇ سۆزىگە قارشى ئىنكاسلار كۆتۈرۈلگەن.
قازاندا نامايىش ئۆتكۈزگەن تاتارلار «تاتارىستاندا خىزمەت قىلىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى تاتار تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك»، «رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە تاتارىستان جۇمھۇرىيەئىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىي بويىچە، تاتارىستان رۇسىيە بىلەن تەڭ دەرىجىلىك بىر ھەمراھ،» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان. 14-نويابىر كۈنى باشقىرتىستان پايتەختى ئۇفادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا باشقىرتلار، «باشقىرتىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئاياق-ئاستى قىلىشقا يول قويمايمىز،» «تىل بولمايدىكەن مىللەت ۋە دۆلەتمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ،» دەپ شوئار توۋلىغان.
ھالبۇكى، موسكۋانىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بېسىمى رۇسىيە فېدىراتسىيەسى تەۋەلىكىدىكى يەرلىك جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلىشقا باشلىغان. ئۆتكەن ئايدا تاتارىستان پرېزىدېنتى رۇستەم مىننىخانوف گەرچە «تاتار تىلى ئوقۇتۇشى تاتارىستاندىكى بارلىق مەكتەپلەردە بىردەك ساقلىنىپ قالىدۇ،» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپلەردىكى تاتار تىلى دەرسىنىڭ ئىلگىرىكى ھەپتىدە 6 سائەتتىن 2 سائەتكە قىسقارتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
كۆزەتكۈچىلەر، پۇتىننىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە يەرلىك مىللەتلەرگە بولغان سىياسىي كونتروللۇقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ بېرىشى، تېخىچە كېڭەيمىچىلىك ئىرادىسىدىن قايتمىغان رۇس ئىمپىرىيەسىدە يەنە بىر مەيدان مىللەتلەر كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلىشماقتا.