خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارلىرىدىن سەككىز كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ تىزىملىك ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ بار بولۇپ، ئۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.
خىتاي دائىرىلىرى 30-سېنتەبىر كۈنى 2015-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان شۆھرەت زاكىرنىڭ ئىستېپانامىسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئەركىن تۇنىيازنىڭ مۇۋەققەت رەئىس قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، شۆھرەت زاكىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە خىتاي ھاكىمىيىتىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 2021-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنىڭ يىلسېرى ناچارلاشقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك ئۇلارغا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، سىياسىي تەربىيە، جىسمانىي قىيىن-قىستاق، روھىي ۋە جىسمانىي خورلاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇتۇپ تۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقى پاكىتلىرى بىلەن كۆرسىتىپ بېرىلگەنىدى.