خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بويىچە تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ سالمون بېلىقى يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا كىرىشكەن.
«بېيجىڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىل سالمون بېلىقى ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئومۇمى خام سالمون ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنىڭ 30 پىرسەنتىدىن ئاشۇرۇپ، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ سالمون بېلىقى يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ئايلىنىشى كۈتۈلمەكتىكەن. خەۋەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
خىتاينىڭ بۇ پىلانى، 2024-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 106 مىليون موغا يېتىپ، خىتاي بويىچە 5-ئورۇننى ئىگىلىگەن، رايوندا 2 مىليون 290 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر كۆپەيگەن، بۇ خىتايدا ئۆتكەن يىلى كۆپەيگەن ئومۇمى تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 38.6 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىپ، رايوننىڭ ئومۇمى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى 46 مىليارد 600 مىليون جىڭغا يەتكەنلىكى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
«سىنا مالىيە خەۋەرلىرى» دە، 2024-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نىلقا، توققۇزتارا قاتارلىق ناھىيەلەرنىڭ كۆپ جايلىرىدا سالمون بېلىقى سىناق بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى، بۇ سىناق بازىلىرىنىڭ بۇ يىل ئالتاي، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا كېڭەيتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى بەرگەن خەۋەرلىرىدە، شەندۇڭدىكى «مېيجيا گۇرۇھى» نىڭ رايوندا بېلىقچىلىق مەيدانلىرىنى قۇرغانلىقى، ئۇنىڭ مەكىت ناھىيەسىدىكى بېلىقچىلىق مەيدانىدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى «قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى 2023-يىلى 10-ئايدا، شەندۇڭدىكى مەزكۇر دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئارقىدىنلا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «مېيجيا گۇرۇھى» نى قارار تىزىملىككە كىرگۈزگەنىدى. لېكىن «سىنا مالىيە خەۋەرلىرى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تەتقىقاتچىلىرى سىرتتىن ئىمپورت قىلىنغان كۆپىيىش ئىقتىدارى يوق ئۈچ خرۇموسۇمىلىق «ھەسەن-ھۈسەن سالمونلىرى» نىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، «شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق سالمون تۈرلىرىدە ئىمپورتقا تايىنىش مەسىلىسى» نى ھەل قىلغان.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ بۇ يىللىق يېڭى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش پىلانى بېكىتىپ، 2025-يىلى ئۆتكەن يىلقىدىن بىر مىليارد جىڭ ئارتۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ پىلان تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر يەككە دېھقانچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىپ، كۆلەملەشكەن خىتاي دېھقانچىلىق فېرمىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى كۈچەيتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.