ئىلىدىكى سانغۇن مەھكىمىسى تەربىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇلدى

يېقىندا مانجۇ-چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان غۇلجا كۈرەدىكى ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىجتىمائىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەربىيە بېرىش بازىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.ئىلى خەۋەر تورىدىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا، 1883-يىلى قۇرۇلغان ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭدىكى ئەڭ ئالىي ھەربىي مەمۇرىي باشلىقنىڭ قارارگاھى بولۇپ، ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى يۇقىرى تارىخى، مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە، دەپ قەيت قىلىنغان.

ئىلى سانغۇن مەھكىمىسىنى تەربىيىلەش بازىسى قىلىپ بېكىتكەن دائىرىلەر بۇ جاينىڭ «تارىخنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئىزدىنىش ھەم ئىنقىلاب ئەنئەنىسى ۋە ئىجتىمائىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىكى ئەڭ ياخشى بازا»، دەپ شەرھلىگەن.

تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1864-يىلى ئىلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان قاتارلىق خەلقلەرنىڭ چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە، چىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئىلى تەۋەسىدە يوقىتىلغان ۋە ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى ۋەيران قىلىنغان شۇنىڭدەك ئىلىدا ئىلى تارانچى ئۇيغۇر سۇلتانلىقى قۇرۇلغان ئىدى.ئەمما، ئىلى 1871-يىلىدىن 1881-يىلىغىچە ئون يىل رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغاندىن كېيىن، «رۇسىيە-خىتاي پېتېربۇرگ شەرتنامىسى» گە ئاساسەن چىڭ ئىمپېرىيىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، 1883-يىلى مانجۇلار قايتىدىن ئىلىدا ئۆز سانغۇن مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، ھەربىي ئىدارە قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى.

تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، جۈملىدىن ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تارىخ دوتسېنتى ئەركىم ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى ئەمەلىيەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلق قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىدىغان ۋە خەلق ئۈستىدىن مۇستەبىت ھەربىي-سىياسىي ۋە مەمۇرىي ھۆكۈمرانلىق ئېلىپ بارىدىغان ھاكىمىيەت ئورگىنىدىن ئىبارەت. شۇڭا تارىختا ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان، ۋە باشقا مىللەتلەر، ھەتتا 1911-يىلىدىكى سۇن جۇڭشەن باشچىلىقىدىكى خىتاي مىللىي ئىنقىلابچىلىرى تەرىپىدىنمۇ ھاكىممۇتلەقلىق، زوراۋانلىق ۋە مۇستەبىتلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن ئىدى.