خىتاي سانجىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازارنى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سانجى شەھىرىدە يىپەك يولى خەلقئارا چوڭ بازىرى قورۇلىدىغان بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ بازارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، يىپەك يولى خەلقئارا چوڭ بازىرى يىپەك يولى تەسىراتلىرى شەھەرچىسىنىڭ 2-قارارلىق تۈرى بولۇپ، قۇرۇلۇش بۇلتۇر ئاۋغۇستتا باشلانغان ئىكەن. نۆۋەتتە، ئۇل سېلىش تاماملانغان بولۇپ، بازار 2018-يىلى ئۆكتەبىردە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2010-يىلىدىكى شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن قەشقەردىمۇ نۇرغۇن تەنتەنە بىلەن «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون» قۇرغان. بىراق، يېقىندا سىچۈەنلىك فوتوگراف ليۇ يۈياڭ «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، قەشقەردە قۇرۇلغان بۇ بازارلارنىڭ ئاساسەن قۇرۇقلۇقىنى، ئۇنىڭ يەرلىك خەلقنى باي قىلىشقا، ئۇلارغا ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىپەك يولى خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 490 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن ئىشچىلارنى جەلپ قىلىشى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا.