خىتاي تەشۋىقات تارماقلىرى چەت ئەلدىكى خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات توپلىماقتىكەن

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى 1-ماي كۈنى تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى ئارقىلىق، چەت ئەل تور ئابۇنتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت كونتروللۇقىدىكى تەشۋىقات تارماقلىرى چەت ئەل تور ئابۇنتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاشتا، تېمو قاتارلىق داڭلىق خىتاي تور سودا سۇپىلىرى بىلەن ئۆز ئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن. خەۋەردە بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنى كۈچەيتىش ۋە خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى باشقا تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، دوكلاتتا خىتاي دۆلىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ تور سودا سۇپىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق تور ئويۇنى سۇپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق تور سۇپىلىرىنىڭ ‍ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، سۇپىلارنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردا يۈز مىليونلىغان ئابۇنتى بار ئىكەن. مەزكۇر دوكلات ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن قانۇن ماقۇللاپ، خىتاينىڭ بايتى دەنس شىركىتىگە قاراشلىق تىكتوك ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىن خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلىشى، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ بۇ قانۇنغا رەسمىي قول قويۇشى ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ ئامېرىكالىق ئابۇنتلار ئۈچۈن دۆلەت خەۋپسىزلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ‍ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا يېتەكچىلىك قىلغان سابىق ئالىي تەتقىقاتچىسى سامانتا خوفمان: «ئۇلار بۇ شىركەتلەردىن پايدىلىنىپ، قىممەتلىك ئىستراتېگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىپ كەلدى، شۇنداقلا بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا پىششىقلاپ ئىشلەپ ھەم تەشۋىقات خىزمەتلىرىدە قوللىنىشىغا تۈرتكە بولدى» دېگەن.