ئۈرۈمچىدە ساقال قويغان كىشىلەرگە بېنزىن ساتماسلىق يولغا قويۇلغان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ساقال قويغان ئۇيغۇرلارغا بېنزىن ساتماسلىق ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرۈلگەن.

ئۇنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى ۋە سايباغ رايونىنىڭ دۆلەت ئامانلىق ئىدارىلىرى بېنزىن پونكىتلىرىدىن ئاپتوموبىللىرى ئۈچۈن بېنزىن ئالغان 20 دىن ئارتۇق ساقال قويغان ئادەمنى تۇتۇپ كەتكەن.

ھازىرغىچە بۇ ئادەملەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەن ياكى قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق ئىكەن.

دىلشات رېشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىن سىرتقى جايلاردىمۇ بېنزىنلارغا بولغان نازارەت كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ئۆزلىرى جايلاشقان جايلاردىن ئون نەچچە كىلومېتىردىن ئارتۇق يەرگە بارماقچى بولغانلار بېنزىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن يەرلىك ساقچىخانىلاردىن رۇخسەت خېتى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ساقال قويغان ئەرلەر، رومال ئارتقان ۋە ھىجابلانغان ئاياللارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىغا كىرىشىگە چەك قويۇش تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى.