خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي-قازاقىستان چېگراسىدىكى «قورغاس خەلقئارا ئەركىن بازىرى» نىڭ خىتايغا قاراشلىق بۆلىكىدە ياغلىق ۋە ساقالنى چەكلىگەن.
27-ئاپرېل كۈنى بىر قىسىم چەتئەللىك مۇخبىرلار مەزكۇر خەلقئارا بازارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بازارنىڭ خىتاي تەرىپىدىكى غايەت زور تاختايغا ئېسىلغان ساقال ۋە ياغلىقنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇش «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقتىكى مەزكۇر رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ ئوچۇق بېشارىتىنى بېرىپ تۇرىدىكەن».
خەۋەردە، بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك سىياسىتى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدا ھالقىلىق ئامىل، دەپ قارىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك مەزكۇر بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركى خەلقلەرنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «كەسپى ماھارەت مەركىزى» دەپ تەرىپلەۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە بۇنىڭ پاكىستانلىق تىجارەتچىلەرگە تەسىر قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، پاكىستان رەھبەرلىرىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ساقال ۋە ياغلىقنى چەكلىشى سەۋەبلىك مۇخبىرلار ئۆمىكىدىكى بىر ھىجاپلىق قازاق ئايال ژۇرنالىست بۇ بازارغا كىرەلمىگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ ھىجاپ بىلەن خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا بازارغا كىرمىگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مۇخبىرلارنىڭ خەلقئارا بازارنىڭ خىتايغا قاراشلىق بۆلىكىدىكى ئۇقتۇرۇشقا يېقىنلىشىشى چەكلەنگەن بولۇپ، خەۋەردە بۇنىڭ مەزكۇر بازارنى ئىككى دۆلەت ئورتاق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە يەنە قازاقىستان بىلەن پاكىستاننىڭ خىتاينى قوللاۋاتقانلىقى، قازاقىستان خىتايدىكى قازاقلارنىڭ بىخەتەرلىكى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى «مۇھىم ئامىل» دېسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېقىندا يەنە خىتاينىڭ 3 خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ يېقىندا «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا بۇ رايوندا «يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى بىلمەيدىكەنمەن» دەپ تۇرۇۋالغانلىقى تەكىتلەنگەن.