«خوتەن گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالاتاۋ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئايدا 7 مىڭ يۈەندىن 8 مىڭ يۈەنگىچە يۇقىرى مائاش، ھەقسىز تاماق ۋە ھەقسىز تۇرالغۇ تەمىناتى بىلەن سىرتتىن جەمئىي 144 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانىنىڭ بىرىنچى شەرتىدە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرىدىغان» بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.
ئىلتىماس قىلغۇچىلار بىردەك جىسمانىي لاياقەت ئىمتىھانىغا قاتناشقاندىن باشقا يەنە يۈزتۇرانە سىناققا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. قوبۇل قىلىنىدىغان نامزاتلار ئىچىدە ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.
قوبۇل قىلىنغان نامزاتلار ئالاتاۋ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى بىلەن 5 يىللىق خىزمەت توختامى تۈزىدىكەن. 5 يىلدىن كېيىن باھالاشتىن ئۆتسە داۋاملىق ئىشلەيدىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا يۇقىرىقى 144 نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ شتاتتىن سىرت توختام بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يەرلىكتىن ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى يەرلىك ساقچىخانىلىرىغا قوبۇل قىلىنغان بىر قىسىم ياردەمچى ساقچىلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئايدا 1300 يۈەندىن 2800 يۈەنگىچە مائاش ئالىدىغانلىقى، دەم ئالماستىن ئۇدا 48 سائەتتىن ئىشلەپ ھالىدىن كەتكەنلىكى ھەققىدە شىكايەت قىلغان ئىدى.
رادىئويىمىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر پەقەت ئاقتۇ ناھىيىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئايدا 9 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى مائاش بىلەن ئالاھىدە ساقچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنى يەرلىكتىن قوبۇل قىلغان ساقچىلارنىڭ ئىش ھەققى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 3 ھەسسىدىن يۇقىرى ئىكەن.