ئۈرۈمچىدە 900 دىن ئارتۇق ساقچى بوتكىسى قۇرۇلۇشقا باشلىدى

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 10-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا «ئاممىغا قۇلايلىق ساقچى قاراۋۇلخانىسى» نامىدا ساقچى بوتكىلىرى قۇرۇلغان. خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، دەسلەپ قۇرۇلغان قاراۋۇلخانىلار جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى كوچىلارغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى كوچىلىرىدا قۇرۇلىدىغان ساقچى بوتكىلىرىنىڭ سانىنى 949 غا يەتكۈزۈش پىلانلانغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېن لۇڭ بۇ خىل «ساقچى بوتكىلىرى» توغرىلىق خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ساقچى بوتكىلىرىدا 24 سائەت نۆۋەتتە تۇرۇش يولغا قويۇلغانلىقىنى، بۇ بوتكىلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ «خاتىرجەملىكنى ساقلاش، قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئاممىغا قۇلايلىق يەتكۈزۈش» مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ۋە مەزكۇر بوتكىلار قۇرۇلغاندىن كېيىن كوچىدا يۈز بېرىدىغان، ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق قىلمىشلىرىنى مەلۇم قىلىشقا ئاسانلىق تۇغۇلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل تەدبىرلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە قىلىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ۋە ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.