ئامېرىكادىكى CBSN تورىنىڭ 4-دىكابىر كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىگە قارىغاندا، خىتاي ھازىر «پۇقرالارنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش» دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەممە جايىغا 400 مىليون كامېرا ئورنىتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەقىپ-نازارەت دۆلىتىگە ئايلانغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكادىكى «ئاخبارات ھەممىدىن مۇھىم» ناملىق پروگراممىدا «تەقىپ نازارەت دۆلىتى: جەمئىيەتنى كونترول قىلىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى باشلىماقچى بولغان خىتاينىڭ ئۇرۇنۇشلىرى» ناملىق يېڭى كىتاب ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان. كىتاب ئاپتورلىرىدىن «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» مۇخبىرى لىزا لىن (Liza Lin) بىلەن جوش چىن (Josh Chin) خىتاي ھۆكۈمىتى توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ باشقا ھەر قانداق دۆلەتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئامېرىكا كىرىمنى جىلغىسىدىن كەلگەن ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ بۇ ئىشقا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقنى كونترول قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇ تېخنىكىلاردىن قانداق پايدىلانغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇلار يەنە خىتايدىكى كامېرالارنىڭ 400 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى بىر مىليارد ئابونتنىڭ ئەقلىفونىغا بىمالال كىرىپ تەكشۈرۈپ، خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان ھەر قانداق ئۇچۇرنى سۈزۈپ ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۆھبەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەقىپ-نازارەت سىستېمىسى قۇرغان ۋە سىناق قىلغان بازىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىستېمىنى ئىچكىرى خىتايغا، ھەتتا ئاسىيا، ئافرىقادىكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيتكەن.