ئامېرىكىلىق جورنالىست «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە «ساقچى دۆلىتى» نى تونۇشتۇردى

ئامېرىكىلىق جورنالىست مېخا راجاگوپالان 29-ماي كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

ئۇ مەزكۇر مۇنبەردىكى سۆزىنى ئۆزى تۈركىيەدە تونۇشقان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ھېكايىسى بىلەن باشلىغان. ئۇ بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان توي مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلماقچى بولغاندا ئۇلارنىڭ پاسپورت ئالالمىغانلىقى، ھەتتا ئۇ سۆزنى تېلېفوندا ئېنىق قىلىپ دېيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۈندىداردا ۋېدىيولۇق كۆرۈشكەندە بىر پارچە قەغەزگە يېزىپ كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن نازارەت قىلىنىدىغان «ساقچى دۆلىتى» قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز بىر ئۇيغۇر بولسىڭىز، ئۇ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى سىزنىڭ بالىڭىزغا نېمە دەپ ئىسىم قويۇشىڭىز، تېلىفونىڭىزغا قانداق ئەپلەرنى قاچىلىشىڭىز، قانداق تۈردىكى مۇزىكىلارنى ئاڭلىشىڭىز، ھەتتا ئاتا-ئانىڭىز ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇلارنى قانداق يوسۇندا دەپنە قىلىشىڭىزغىچە ھەممىسىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ.»

مېخا راجاگوپالان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىنى ئەڭ ئىنچىكە دېتاللىرىغىچە نازارەت ۋە قامال ئاستىغا ئالغانلىقىنى، ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ۋە ياكى غەيرىي رەسمىي قائىدە-تۈزۈملىرىنىڭ ھەرقانداق بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ قالسا ياكى بۇ نازارەت سىستېمىلىرىنىڭ بىرەرىگە ئىلىنىپ قالغان تەقدىردە ئۇلارنىڭ لاگېرلارغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ مۇشۇنداق لاگېرلاردا مەجبۇرىي ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ سۆزى داۋامىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قاتتىق قامالىنى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەمىنلەۋاتقان ئىمكانلارنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلارغا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇنداق يۇقىرى تېخنىكىلارنى خىتايغا ئوخشاش مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى بولمىغان، ھۆكۈمەت ھەممە نەرسىنى كونترول قىلالايدىغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ قولىغا چۈشكەندە خەتەرلىك بىر قامال قىلىش قورالىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ ئاخىرىدا «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈنى دۇنيانىڭ كېلەچىكى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك،» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

مېخا راجاگوپالان ئۈتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتى ئاساسىدا «21-ئەسىردىكى ‹ساقچى دۆلىتى› مانا مۇشۇنداق بولىدۇ» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئەمەلىي تەكشۈرۈش ماقالىسى ئېلان قىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى.