ئىنسانشۇناس دەررېن بايلېر ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» نىڭ ئېتنوگرافىك تەسۋىرى ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018.06.06

ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى دەررېن بايلېر 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكىدىكى «سىمپسون مەركىزى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

«ساقچى دۆلىتىدىكى ئېتنوگرافىيە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ سۆھبەتتە دەررېن بايلېرنىڭ 2002-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشىدىن تاكى ئالدىنقى ئايدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا سەپەر قىلىشىغىچە بولغان جەرياندىكى بىۋاسىتە تەسىراتلىرى بايان قىلىنىدۇ.

سۆھبەتتە 2017-يىلى ئەتىيازدىن تارتىپ مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئەۋەتىلىشكە باشلىغانلىقى، ھازىرغا قەدەر لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 200 مىڭدىن بىر مىليوندىن كۆپرەك دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلاردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.

سۆھبەتتە ئىنسانشۇناس دەررېن بايلېرنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلىدۇ: «رايوندىكى بارلىق كۆزىتىش سىستېمىسى مۇتلەق ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ كىشىلەردە ئېغىر دەرىجىدە قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ئېغىر كۆزىتىش ۋە تەقىب سىستېمىسى كىشىلەردە بارا-بارا كۆنۈش پسىخىكىسى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، سىز تەبىئىي ھالدا قول تېلېفونىڭىزنىڭ ھەر كۈنى تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى، كىملىك كارتىڭىزنىڭ كۈندە نەچچە قېتىم تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئاپپاراتلارغا سۈركۈلىدىغانلىقىنى ئاڭسىز رەۋىشتە ھېس قىلىسىز. ھەممە ئادەم كىمنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىشىنى بىلىدۇ، ھەتتا كېيىنكى نىشان مەن بولۇپ قالارمەنمۇ دېگەن تەشۋىش ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىدۇ».

مەزكۇر يازمىدا دەررېن بايلېرنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا سەپەر قىلغىنىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنلىكى نەقىل كەلتۈرۈلىدۇ: «ئەگەر سەن قارا رەڭلىك ئاياق كىيگەن بولساڭ، ئۇلار سېنى نېمىشقا ئاق ئاياق كىيمىدىڭ دەپ تۇتقۇن قىلىدۇ. ئەگەر ئاق ئاياق كىيگەن بولساڭ، نېمىشقا قارىسىنى كىيمىدىڭ دەپ تۇتىدۇ.»

دەررېن بايلەر ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر ئىنسانشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» نىڭ ئىچ يۈزىنى كۆزىتىدۇ. ئۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە ئېغىر زۇلۇملارغا قارىماستىن تەقىب ئاستىدىكى ھاياتتىن ئۆزىگە خاس تەسەللى ۋە مەدەت ئىزدەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر بىر كۆڭۈلسىز كەچمىشىدىن ئالىقانداق بىر مەنە ئىزدەپ ياشايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بارلىقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئىنسانلاردۇر. بىراق بۇ يەردە مېنى قىزىقتۇرغىنى شۇكى، مۇشۇنداق مەھرۇملۇق ئىچىدە ۋە مۇشۇنداق قىيىنچىلىق ئىچىدە بىر خەلقنىڭ قانداق بىر ئېنېرگىيە بىلەن ياشاۋاتقانلىقىدۇر. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ بۇ قىيىن ھاياتتىن ئۆزىگە قانداق تەسەللى ئىزدەپ، تۇرمۇشىغا قانداق مەنىلەرنى يۈكلەپ ياشاۋاتقانلىقىدۇر.»

دەررېن بايلېر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان ئۈزۈلمەس رىشتىسىدە ئۇيغۇر بۈگۈنكى شېئىرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ئىستىكىدىكى ھاياتىي كۈچىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە تاھىر ھامۇت قاتارلىق يېڭى ئېقىمدا شېئىر يازىدىغان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تاللاپ ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغانلىقىنى، بۇ شېئىرلاردا ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن بىر مىللەتنىڭ شېئىرىيەت ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق ئىرادىسىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.