جېففېرى كېين: «خىتايدەك بىر ساقچى دۆلىتى خالىغان ئادەمنى جىنايەتچى قىلىپ قويالايدۇ»

ئامېرىكالىق مۇخبىر ۋە يازغۇچى جېففىرى كېين ئۇيغۇر رايونىدىكى قورقۇنچلۇق تەقىپ ۋە نازارەت سىستېمىسىنى بايان قىلغان «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغانىدى. يېقىندا «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى سەباستيان سترانگو ئۇنى زىيارەت قىلىپ، كىتابنىڭ يېزىلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

جېففېرى كېين بۇ سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ ئەنگىلىيە يازغۇچىسى جورجى ئورۋېلىنىڭ «1984» ناملىق رومانىدا يېزىلغان ئىشلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكرارلىنىشىغا ھەيران قالغانلىقىنى، ئوقۇرمەنلەرگە بىر دۆلەتنىڭ زامانىۋى تېخنىكالاردىن پايدىلىنىپ بىر مىللەتنى كوللېكتىپ ھالدا مەھبۇس قىلالايدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە بۇنىڭغا ئوخشاش قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىمۇ تەقلىد قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ ھەر ۋاقىت ھۇشيار بولۇپ، ئۆز ئەركىنلىكىنى قولدىن بەرمەسلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردە دىن ۋە مىللەت ئېڭىنىڭ بولۇشى خىتاي ئۈچۈن تەھدىت بولۇپ، بۇ ئاڭنىڭ ئۆزىلا جىنايەت ھېسابلانغان، خىتاي ئۇنى «ئىدىيە ۋىرۇسى» ۋە «راك ھۈجەيرىسى» دەپ ئاتىغان ھەمدە بۇ ۋىرۇسنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا بار دەپ قاراپ، ھەممە ئۇيغۇرنى «جىنايەت گۇماندارى» دەپ تونۇغان. شۇڭا بارلىق ئۇيغۇرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى، جۈملىدىن بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرغان، بۇنى يۈز تونۇش تېخنىكاسى، ئىز قوغلاش تېخنىكاسى ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇش سۇپىسىدا ئىشلەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ سىستېما ئارقىلىق خالىغان ئۇيغۇرنى تۇتقان، ئۇلارنىڭ قانداقتۇر «ئۆتمۈشتىكى جىنايىتى» نى سۆرەپ چىقىش بىلەن قالماي، كەلگۈسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش خەۋپى بار دەپ قارىغانلىرىنىمۇ تۇتقان.

جېففىرى كېين خىتاينىڭ بۇ تەقىپ ۋە نازارەت سىستېمىسىنى ناتسىستلار گېرمانىيەسىدىن ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆرنەك ئالغانلىقىنى، ئەمما قوللانغان تېخنىكا ۋە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇلاردىن ئىلغار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتالمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق لاگېر ۋە مېڭە يۇيۇش مەركەزلىرى تەسىس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.