بېيجىڭدا «ساقچى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى خەلقئارالىق كۆرگەزمىسى» ئېچىلغان

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان «ساقچى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى خەلقئارالىق كۆرگەزمىسى» دە ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە تەقىب سېستىملىرى كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان بۇ كۆرگەزمىدە خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان تېخنىكا شىركەتلىرى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان تۈرلۈك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر، بىخەتەرلىك كامېرالىرى، قول تېلېفون سكانىرلاش ئۈسكۈنىسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى كۆرگەزمە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرىمۇ ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساقچىلار ئىكەن.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتاينىڭ شيامىن ۋە بېيجىڭ شەھەرلىرىدىكى تېخنىكا شىركەتلىرى تەرىپىدىن ياسالغان قول تېلېفون سېكانىرلاش ئەپى ئۈستىدە مەخسۇس توختالغان. كۆرگەزمىدىكى شىركەت خادىملىرى بۇ ئۈسكۈنىنىڭ قول تېلېفون ۋە كومپۇتېرلارغا قاچىلىنىدىغان فەيسبوك ۋە تىۋىتتېر قاتارلىق 90 دىن ئارتۇق ئەپلەردە ساقلىنىپ ياتقان ئۇچۇرلارنى، ھەتتا ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئۇچۇرلارنىمۇ كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يەنىمۇ مۇھىمى، بۇ شىركەتلەر بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ھازىرغىچە ئەڭ بىخەتەر دەپ قارىلىۋاتقان ئالما تېلېفونلىرىنىڭ ئىوس سىستېمىسىغا بۆسۈپ كىرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن مەخسۇس بۇ كۆرگەزمىگە كەلگەن گۇ فامىلىلىك بىر ساقچى رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە «شىنجاڭدا بۇ ئۈسكۈنە ئاللىقاچان ئىشلىتىلمەكتە. مەن پەقەت بۇ ئەپنىڭ ئالما تېلېفونلىرىنىڭ سىستېمىسىغىمۇ كىرەلەيدىغانلىقىغا قىزىقىپ قالدىم،» دېگەن.

دەرۋەقە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يوللاردا توسۇق قۇرۇپ ئۆتكەن-كەچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قول تېلېفونلىرىنى بىر خىل ئۈسكۈنە ئارقىلىق تەكشۈرۈدىغانلىقى خېلى بۇرۇنلا چەتئەل مۇخبىرلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنى «يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت دۆلىتىنىڭ تەجرىبىخانىسى» قىلىۋالغانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ 2013-يىلىدىن بۇيان يۇقىرىقىغا ئوخشايدىغان «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئەسلىھەلىرى يەرمەنكىسى»، «ياۋرو-ئاسىيا بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى» قاتارلىق كۆرگەزمىلەر ئېچىلىپ كەلمەكتە.