ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرىدىن 18 كوللېكتىپ بىلەن 37 نەپەر شەخسكە بېيجىڭدا مۇكاپات بېرىلگەن

چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بىر يۈرۈش قاتتىق قول سىياسەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ج. خ. سىستېمىسى بويىچە خىزمەت كۆرسەتكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرگە مۇكاپات بەرگەن.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرىدىن 18 كوللېكتىپ بىلەن 37 نەپەر شەخسنى تاللاپ چىقىپ مۇكاپات بەرگەن.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۇچا ناھىيەلىك ج. خ. ئىدارىسى، غۇلجا شەھەرلىك ج.خ. ئىدارىسى، قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيەلىك ج. خ. ئىدارىسى قاتارلىق 18 كوللېكتىپ بىلەن غۇلجا شەھەرلىك ج. خ. ئىدارىسى 1-چوڭ ئەترەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇرزامان مۆمىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج. خ. نازارىتى 21-باشقارمىسى 1-تارماق ئەترەتنىڭ باشلىقى دىلشات قېييۇم قاتارلىق 38 شەخس مۇكاپاتلانغان.

مۇكاپاتلاش يىغىنىدا خىتاي بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى «1-دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى»، خوتەن ۋىلايەتلىك ج. خ. ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە قاراقاش ناھىيەلىك ج. خ. ئىدارىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى مۇرات شېرىپجان خىتايدىكى 10 داڭلىق ساقچىنىڭ بىرى سۈپىتىدە سۆز قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا چاقىرتىپ ئالاھىدە مۇكاپات بەرگەن يۇقىرىقى ساقچى خادىملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز يۇرتىدىكى مىللەتداشلىرىنى، يەنى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ياشاش تەلەپلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان ۋە «خىزمەت كۆرسىتىپ» يۇقىرىغا يامىشىشنى مەقسەت قىلغان ئىنسانلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.