قاراقاشلىق ساقچىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىدە چارچاپ ئۆلگەنلىكى مۇنازىرە قوزغىدى

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 12-ئىيۇل كۈنى خوتەن قاراقاش ناھىيىسى ماڭلاي ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى 43 ياشلىق ئەخمەت توختى مەتتۇرسۇننىڭ 25 كۈن ئۆيىگە قايتماي، مۇقىملىق خىزمىتى ئىشلىگەنلىك سەۋەبىدىن، چارچاپ ئۆلگەنلىك خەۋىرى بېرىلگەندىن كېيىن، بۇ خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە تورداشلار ئارىسىدا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن باشقا، بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلغۇچى ئاساسىي قاتلاملاردىكى ساقچى، كادىرلارنىڭمۇ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئوخشاشلا ئېغىر بېسىم ۋە يۇقىرى بەدەل تۆلەشتەك پاجىئەلىك قىسمەتكە يولۇقۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاينىڭ ئاممىۋى تورلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە بولسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيە، يېزىلاردىكى ساقچىخانا، ھەتتا ئادەتتىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭمۇ مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلىنىپ، ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، كېچە-كۈندۈز دېمەي ئۆي ئاختۇرۇش، ئۆي چارلاش جەريانىدا ھەددىدىن زىيادە خىزمەت بېسىمى ۋە چارچاش سەۋەبىدىن تىنالمىغۇدەك ھالغا كەلگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار ئىنكاس قىلىندى.

ئۇيغۇربىز تورىدا بۈگۈن بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاقچى ناھىيىسىدە 40 ياشتىن تۆۋەن بولغان بارلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى، رامزان مەزگىلىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي مەشىقىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇلار كۈندۈزى تومۇز ئىسسىقىدا نورمال خىزمىتىنى قىلغاندىن باشقا، ھەر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى يەنە، بېشىغا پولات قالپاق كىيىپ، قوللىرىغا قالقان كۆتۈرگەن ھالەتتە ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، رامىزاندا ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ شەنبە، يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشمۇ بىكار قىلىنغان.

ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئىنكاس قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى، سانجى، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئىدارە كادىرلىرىمۇ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىگە چۈشۈرۈۋېتىلگەن.