قىزىلسۇ ئوبلاستىغا قاراشلىق شەھەر ۋە ناھىيەلەرنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىگە بېرىلگەن ئۇقتۇرۇشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇش شەھىرى بىلەن ئاقتۇ ناھىيىسى كەڭ كۆلەمدە ساقچى كۈچىنى كۆپەيتىشكە باشلىغان.
ئاقتۇ ناھىيىسى تېخى ئۆتكەن ئايدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۇقىرى مائاش بىلەن 600 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تۈنۈگۈن، يەنى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاقتۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەنە 118 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغان ياردەمچى ساقچىلار يەرلىكتىن قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مائاش-تەمىناتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ 3 ئەۋلاد بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىچىدە سىياسىي جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ بولماسلىقى، 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك ۋە چارلاش خىزمىتىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى ئالاھىدە شەرت قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ياردەمچى ساقچىلىققا تىزىملىتىش پۇلى ۋە باشقا رەسمىيەت پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۆلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئاقتۇ ناھىيىسى ئۆتكەن ئايدا چىقارغان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىدىغان 600 نەپەر خىتاي ساقچىسىغا يۇقىرى مائاش ۋە ئالاھىدە تەمىنات بېرىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى.
ئاتۇش شەھەرلىك ھۆكۈمەتمۇ 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جەمئىي 300 نەپەر «تېررورلۇق» قا قارشى ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار خىتاينىڭ سىچۈەن، شەنشى، خېنەن، گەنسۇ ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئۇلارغا 6600 يۈەندىن 7300 گىچە يۇقىرى مائاش ۋە بىر يۈرۈشتىن ھەقسىز ئۆي بېرىلىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن ئاتۇش شەھىرىدە دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ساقچى كۈچىنى شىددەت بىلەن كۆپەيتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماقتا. بولۇپمۇ يەرلىكتىن قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچىلار بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن نىشانلىق قوبۇل قىلىنىۋاتقان خىتاي ساقچىلارغا بېرىلىدىغان مائاش تەمىناتىدىكى غايەت زور پەرق سوئال پەيدا قىلماقتا.
