خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرمىلەرگە زور كۆلەملىك ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرمىلەرگە زور كۆلەملىك ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 27‏-ئۆكتەبىر خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئىچىدە ئاپتونوم رايوندىكى تۈرمىلەرگە 1013 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىدىكەن.

تۈرمە خادىمى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى مەزكۇر ئۇقتۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئىچكىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كەڭ تارقالغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

يېقىندا رادىيومىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خېيلوڭجياڭدىكى بىر تۈرمىنى بىكارلاپ، قەشقەردىن ئاز دېگەندە 2000 دەك ئۇيغۇرنى پويىز ئارقىلىق بۇ تۈرمىگە يۆتكىگەنلىكىنى دەلىللىگەن. شۇنىڭدەك يەنە بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا كۈنەس ناھىيەسىدىن 50 ئاپتوبۇستا 3000 دەك تۇتقۇننى يۆتكىگەنلىكى، لېكىن ئۇلارنىڭ قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، بۇ خەۋەر يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، يېڭى قوبۇل قىلىنىدىغان خادىملارنىڭ ئىشخانا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقى، ياخشى مائاش ۋە پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە خىزمەتچىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 1‏- تۈرمە، 3 ‏-تۈرمە، 4 ‏-تۈرمە، ئاياللار تۈرمىسى. . . . قاتارلىق ئورۇنلارغا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ تۈرمىلەردە ھازىر قانچىلىك ئادەمنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ تۈرمىلەردە نۇرغۇن سىياسىي مەھبۇسلار تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 1‏-تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.