ئۇيغۇرلار دىيارىدا جىددىي داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي بۇرۇقتۇملۇق ۋە تەقىب پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە كۆپلەپ ئېلان چىقىرىشى دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى پوچتىسى گېزىتى»نىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورلا شەھىرى خېبېي، شەنشى ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىرىدىن 1500 ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىجياجۇاڭ شەھىرىدە تارقىتىلغان ئېلاندا «ئۇزۇن مەزگىللىك ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن مەزكۇر ئېلان چىقىرىلدى،» دېگەن قۇرلار بار ئىكەن. كورلا شەھىرىدىكى بىر ساقچى خادىمۇ بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ ساقچىلارنىڭ كۈندىلىك چارلاش ۋە پۇقرالار مۇلازىمىتى بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ خىلدىكى ئېلانلارنى چىقارغان شەھەرلەردىن يەنە قارىماي، چۆچەك، قۇمۇل قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، دائىملىق ساقچىلاردىن باشقا يەنە ياردەمچى ساقچىلارنىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئېلانلاردا «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ۋە «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» كە قەتئىي قارشى تۇرۇش ئىرادىسىگە ئىگە بولغان 18 ياشتىن 35 ياشقىچە كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، ئۇلارغا يەتتە مىڭدىن سەككىز مىڭ سومغىچە مائاش بېرىلىدىغانلىقى، ھەر يىلىنىڭ ئاخىرى يەنە 12 مىڭ سوم مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلىنىپ بولغانلىقى ھەرقايسى دۇنياۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىزچىل يەر ئېلىپ كەلمەكتە. مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ داۋاملىق ئىچكىرىدىن ساقچى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا تەرتىپ ساقلىماقچى بولۇشىنى ئانالىزچىلار «ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى،» دېدى.