خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى دائىرىلىرى مەخسۇس ۋىدىيولۇق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ، رايوندىكى تور ئابۇنىتلىرىنى تىكتوك، X يەنى بۇرۇنقى تىۋېتتېر، يۇتۇب، بىتكويىن قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنى يۈكلىمەسلىكنى، يۈكلىگەنلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ج خ تارماقلىرىنىڭ دويىن قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا تارقاتقان ئېلانلىرىدا ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر تور ئابۇنىتلىرى يۇقىرىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىنى قاچىلىسا قولغا ئېلىنىدىكەن، 15 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئىشەنچ كرېدىتىدىن 40 نومۇر تارتىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تىكتوك، X يەنى تىۋېتتېر، لىنكىدىن، فېيسبۇك، يۇتيۇب قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ھېساب ئېچىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىشتا كەڭ پايدىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ج خ تارماقلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تور ئابۇنىتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ بايت دەنس شىركىتىگە قاراشلىق تىكتوكنىڭمۇ چەتئەل شىركەتلىرى قاتارىدا ئاگاھلاندۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا.
رايوندىكى خىتاي ج خ تارماقلىرىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۆتكەن ھەپتە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىكلەرنى قاتتىق قوغداش» نى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىكلەرنى قاتتىق ساقلاش» نى تەلەپ قىلىشى ۋە ئارقىدىنلا ج خ تارماقلىرىنىڭ تور ئابۇنىتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاينىڭ، بۇنىڭغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ دەلىللەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا. بۇنىڭ ئالدىدا رايوندىكى ج خ تارماقلىرى ئالتاي، چۆچەك، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ج خ تارماقلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، رايوندىكى تور ئابۇنىتلىرىنىڭ «مەيلى قانداق مەقسەتتە بولسۇن» چېگرا سىرتىدىكى تور بېكەتلىرىگە كىرىشنىڭ ھەممىسى «توسۇق ئاتلاپ تورغا چىقىش قىلمىشى» ھېسابلىنىدىكەن.