خىتايدا ئىشلەنگەن ئېلېكترونلۇق ساختا مەھسۇلاتلار ئامېرىكا تاموژنىسىدا توسۇپ قېلىندى

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا-خىتاي ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان ساختا مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ئامېرىكا تاموژنىسى خىتايدا ئىشلەنگەن 243 مىڭ دانە ساختا ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتنى مۇسادىرە قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالما(Apple) شىركىتى، سامسۇڭ شىركىتى، بلاكبېرري شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ ماركىلىرى چاپلانغان ساختا تېلېفونلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىسى خادىمى مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ساختا ماللارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىر ئاي بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بېيجىڭ دائىرىلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئەرزىگە جاۋاب قايتۇردى» دېگەن.

ئامېرىكا چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2012-يىللىق ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ماللىرىغا تەقلىد قىلىپ ئىشلەنگەن ساختا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق مەنبە بولۇپ، 2012-يىلدىكى ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ 72% ئى خىتايدىن كەلگەن.