خىتايدا ئىشلەنگەن ئەنقەرە توشقىنى مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىلدى
2013.11.20
چارشەنبە كۈنى بىر ھايۋاناتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى بايات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئىشلەنگەن ئۇزۇن يۇڭلۇق ئەنقەرە توشقىنى مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.
ھايۋاناتلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدىكى بىر قىسىم باقمىچىلىق مەيدانلىرىدا ئەنقەرە توشقىنى تىۋىتى تېرىك ھالەتتە يۇڭدىلىدىكەن. توشقانلار قاتتىق ئاغرىقتىن چىرقىراپ كەتسىمۇ، فېرما ئىشچىلىرى ئۇلارنى تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇپ تىۋىتلىرى قولى بىلەن يۇڭداپ يىغىدىكەن.
مەزكۇر جەمئىيەت ئاشكارىلىغان بىر ھۆججەتلىك ماتېرىيالدا كۆرسىتىشىچە، توشقانلارنىڭ يۇمران تىۋىتى يۇڭدىۋىلىنغاندىن كېيىن، توشقانلار تېرىسىدىن قان تامچىلاپ تۇرغان ھالەتتە قەپەسكە تاشلىنىدىكەن.
ئەنقەرە توشقىنى تىۋىتلىرىنىڭ يۇمشاقلىقى ۋە ئۇزۇنلۇقى بىلەن داڭلىق بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەنقەرە توشقان تىۋىتى مەھسۇلاتىنىڭ 90 پىرسەنتى خىتايدىن كېلىدىكەن.
ھايۋاناتلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى بىر قىسىم فېرمىلاردا توشقان تىۋىتى قىرقىلسىمۇ، بەزىلىرىدە تېرىك تۇرغۇزۇپ يۇڭدىلىدىكەن. بۇ خىل فېرمىلاردا ئەنقەرە توشقانلىرى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دەرىجىدە خارلىنىدىكەن.
خىتايدىكى ئەنقەرە توشقانلىرى خارلىنىدىغان فېرمىلار جياڭشى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىرىگە جايلاشقان ئىكەن.