خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر بېلىق بازىرىدىن تارقالغانلىقى مەلۇم بولغان «SARS» قا ئوخشايدىغان ۋىرۇس ياپونىيەدىمۇ بايقالدى. 16-يانۋار پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە دائىرىلىرى يېقىندا ۋۇخەنگە بېرىپ كەلگەن بىر كىشىنىڭ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى دەلىللىدى.
ئىككى كۈن ئالدىدا تايلاند دائىرىلىرى تايلاندقا ساياھەتكە كەلگەن بىر خىتاي ئايالنىڭ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كېسەللىكنىڭ ياپونىيەدىمۇ بايقىلىشى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئەندىشە قوزغىغان.
مەزكۇر ۋىرۇس 2002-2003-يىللىرى خىتايدىن باشلىنىپ، 34 دۆلەتكە تارقالغان ۋە 700 دىن ئوشۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان «SARS» ۋىرۇسى بىلەن ئوخشاش تىپلىق ۋىرۇس ئىكەن. بۇ ۋىرۇس خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر بېلىق بازىرىدىن تارقالغان بولۇپ، 1-يانۋار كۈنىدىن ئېتىبارەن بۇ بازار پېچەتلەنگەن. بۇ بازاردا بېلىقتىن باشقا، قۇش، توشقان ۋە يىلان قاتارلىق باشقا جانلىقلارمۇ سېتىلىدىكەن. نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە جىددىي ئىزدەنمەكتىكەن.
بىراق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرىقى ھەر ئىككى بىمار ئۆزلىرىنىڭ يېقىن مەزگىلدە ۋۇخەندىكى بۇ بېلىق بازىرىنى زىيارەت قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان. CNN نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋۇخەندىن كەلگەن بۇ ساياھەتچى ئايال بىر بولسا بۇ ۋىرۇسنى باشقا بىر ئادەمدىن ياكى باشقا بىر بېلىق بازىرىدىكى ھايۋاندىن يۇقتۇرۇۋالغانلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. بىراق تەتقىقاتچىلار بىرىنچى خىل ئېھتىماللىقنى، يەنى ئادەمدىن يۇققان بولۇش ئېھتىمالىنى يۇقىرى، دەپ مۆلچەرلىگەن.
ھازىرغىچە، بۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن بىر ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، بىر قانچە ئون كىشى داۋالاشقا ئېلىنغان. بىراق بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن-ئادەمگە يۇقۇش ئېھتىماللىقى جىددىي ئەندىشە قوزغىماقتا.