خىتايدا قۇرۇلغان بىر ساختا بانكا خېرىدارلارنىڭ 200 مىليون يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.01.31


خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدا قۇرۇلغان بىر ساختا بانكا بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە خېرىدارلارنىڭ 200 مىليون يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەن.

بانكا نەنجىڭ شەھىرىگە قۇرۇلغان بولۇپ، قارىماققا خۇددى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بانكىلاردىن پەرقسىز ئىكەن.

خەۋەر دەسلەپ «جەنۇبىي ئاستانە تورى» دا 23 - يانىۋار ئېلان قىلىنغان. خەۋەرگە قارىغاندا، بانكا 2014 - يىلى 31 - دېكابىر تاقالغان.

بانكا خادىملىرىنىڭ ھەممىسى رەتلىك فورما كىيىشكەن بولۇپ، ئۇلار ھەپتىسىگە 2 پىرسەنتلىك ئۆسۈم ۋەدىسى بىلەن جەمئىي 200 خېرىدارنىڭ بانكىغا پۇل بانكىغا پۇل قويۇشىنى قولغا كەلتۈرگەن.

ھەتتا 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرى بىر سودىگەر 12 مىليون يۈەننى بانكىغا سالغان. ئەمما، ئۇ ۋەدە قىلىنغان ئۆسۈم پۇلىغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، گۇمانلىنىشقا باشلىغان ۋە مەسىلىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچى تەكشۈرۈش جەريانىدا مەزكۇر بانكىنىڭ بىر يېزا ئىگىلىك قەرز كوپىراتىپى ئىكەنلىكىنى، بانكا سۈپىتىدە مۇلازىمەت قىلىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بايقىغان.

كېيىن ساقچىلار خېرىدارلارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ خىتاينىڭ قىمار شەھىرى ئاۋمېنغا قاراپ قاچقان بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بانكىغا مۇناسىۋەتلىك 5 ئادەمنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان.

بۇ خىتايدا كۆرۈلگەن ئەڭ يېڭى شەكىلدىكى ئالدامچىلىق قىلمىشى بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىغان.

بىر تورداش بىر يىلغىچە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇنى كۆرمىگەنلىكىنى شىكايەت قىلسا، يەنە بىر تورداش: «ساختا بانكا، ساختا يەرلىك ھۆكۈمەت» دەپ يېزىپ خىتايدا ساختىلىقنىڭ دەرىجىسىنى ھۆكۈمەتكە قەدەر باغلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.