ئەنگلىيە ئالىي مائارىپ دىپلوم ئۇچۇر مەركىزى (HEDD) يېقىندا ئەنگلىيەدىكى 22 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دىپلوملىرىغا تەقلىد قىلىپ ئىشلەنگەن ساختا دىپلوملارنىڭ خىتاينىڭ مەلۇم تور بېكىتىدە 500 فون ستېرلىڭلىق باھادا (خىتاي پۇلىغا سۇندۇرغاندا 50 مىڭ سوم خەلق پۇلى) ئاشكارا سېتىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر تور بېكىتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە، ئەنگلىيە ئالىي مائارىپ دىپلوم ئۇچۇر مەركىزى (HEDD) نىڭ باياناتچىسى (Jane Rowley)جانې روۋلېينىڭ «بۇ تور بېكىتىدە ئەنگلىيەدىكى ئون نەچچە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساختا دىپلوملىرى ‹خاتىرە قالدۇرۇش› ياكى ‹يىتىپ كەتكەن دىپلومنى تولۇقلاش›نامىدا سېتىلىۋېتىپتۇ، بۇ تور بېكىتىدە يەنە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ساختا دىپلوملىرىنى سېتىۋېلىشقىمۇ بولىدىكەن» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە جانې روۋلېينىڭ «بۇ تور بېكىتىنىڭ قىلمىشى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش، بىز خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ھازىر ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالغا قارىتا قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى كۆزىتىۋاتىمىز» دېگەن سۆزلىرىمۇ نەقىل ئېلىنىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن ساختا دىپلوم سېتىلىۋاتقان بۇ تور بېكىتىنى تاقاشنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
تېخى ئۆتكەن ھەپتىلا ئەنگلىيەدىكى «ھازىرقى زامان بىئولوگىيىسى» ناملىق ئاتاقلىق مېدىتسىنا ژۇرنىلى ساختىلىقىنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇۋەتكەن 43 پارچە ئىلمىي ماقالىنىڭ 41 پارچىسىنى خىتايدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە دوختۇرخانىلاردىكى پروفېسسور، دوختۇرلار ئەۋەتكەنلىكىدىن ئىبارەت سەتچىلىكنى ئاشكارىلىغان ئىدى.