«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 2-ئاپرېلدىكى سانىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ئىلمىي: ژۇرناللاردىن «ھازىرقى زامان بىئولوگىيىسى» ناملىق تېبابەت ژۇرنىلى يېقىندا ساختىلىقىنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇۋەتكەن 43 پارچە ئىلمىي ماقالىنىڭ 41 پارچىسىنى خىتايدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە دوختۇرخانىلاردىكى پروفېسسور ۋە دوختۇرلار ئەۋەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «ھازىرقى زامان بىئولوگىيىسى» ژۇرنىلىنىڭ ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ چىنلىقىنى باھالاش ھەيئىتىنىڭ باشلىقى جىگىسا پاتېل «ساختىلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بۇ ئىلمىي ماقالىلەردە، باشقىلارنىڭكىنى كۆچۈرۈش قىلمىشى ئېغىر. بۇ ساختىلىق ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلانغان دېيىشكە بولىدۇ. ھەتتا بەزى ماقالىلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى بېكىتكەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە يوق كىشىلەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى» دېگەن.
خىتايدا ساختىلىق ئىشلىتىش ھەر ساھەدە مەۋجۇت. رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساختا تاۋار مەھسۇلاتلىرى، ساختا يېمەكلىكلەر، ساختا دورا، ساختا دىپلوم، ساختا ئۇنۋان، ساختا ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ بۇ قەدەر ئومۇملىشىشىغا يەنىلا خىتايدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە خەلقتىكى «باشقىلارنىڭكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش» پسىخىكىسى، «ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش» قانۇنىدىكى بوشلۇق قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەب بولغان.