خىتايدا ساختا پۇللارنى يىغىۋىلىپ، ساختا پۇل باسقانلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى كۇچەتىلگەن بولۇپ، بۇ خىل ھەرىكەت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا. بولۇپمۇ، بىر قىسىم ئادەم كۆپ كېلىدىغان ساياھەت ئورۇنلىرىدا ساختا خەلق پۇلىنى ھەقىقىي خەلق پۇلىدىن پەرقلەندۈرۈش، خەلق پۇلىنىڭ قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىش جەھەتتە تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان.
تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى لوپنۇر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ لوپنۇر تارمىقى بىرلىشىپ، لوپنۇرلۇقلار ساياھەت كەنتىدە ساختا پۇللارغا زەربە بېرىش نۇقتىسى قۇرغان.
خىتاي ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇنداق ساختا خەلق پۇلىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ چىڭ تۇتىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى يېقىندا ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئىككى جايدىكى ساختا پۇل ياساش ئۇۋىسىدىن بەشنى بىتچىت قىلىپ، 11 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ساختا پۇل ۋە ساختا پۇل بېسىش مەتبەئە قەغىزى، مەتبەئە ماشىنىسى قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا جياڭشى ئۆلكىسىدە ساقچىلار 70 مىليون يۈەندىن ئارتۇق يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ساختا پۇلنى قولغا چۈشۈرگەن ئىدى.