خىتايدا «قەھرىمان» ناملىق ساختا سۈت پاراشوكى بايقىلىپ ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

خىتاينىڭ سۇجۇ شەھىرىدە يېقىندا گوللاندىيىنىڭ Hero يەنى قەھرىمان ماركىلىق سۈت پاراشوكىنىڭ ساختىسى بايقالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، غەرب ئەللىرىدە ئىشلەنگەن يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئېھتىياج كۈچەيگەندىن كېيىن، بەزى شىركەتلەر باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى بوشلۇقلاردىن پايدىلىنىپ، چەتئەل ماللىرىنىڭ ساختىسىنى ئىشلەپچىقارغان. سۇجۇدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ساختا ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى خەۋەر قىلىپ تارقاتقاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توردا پىكىر بايان قىلغان بەزى كىشىلەر، بالىلارنىڭ جېنىغا قەست قىلغان ساختا سۈت پاراشوكى ساتقۇچىلارنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلسا، يەنە بەزى كىشىلەر، مەسىلىنىڭ يىلتىزى سىياسىي تۈزۈلمىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مانا بۇ خىل ۋەقەلەرگە پۇرسەت بېرىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان. بولۇپمۇ، ساختا سۈت پاراشوكى تېلېۋىزوردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، قەھرىمان ناملىق ساختا سۈت پاراشوكىنىڭ دۇكانلارنىڭ تەكچىلىرىدىن دەرھال ئېلىۋېتىلمەسلىكى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىغان.

خىتايدا 2008-يىلى يۈز بەرگەن سۈپەتسىز سۈت پاراشوكى ۋەقەسىدە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، 300 مىڭدىن ئارتۇق نارەسىدە بالا قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.