خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەت ساقچى ئەترىتى قۇرغان

ئۇيغۇر رايونىدىكى ساياھەت ئورۇنلىرىدا ئامانلىق قوغدايدىغان قوراللىق ساياھەت ساقچى ئەترەتلىرى قۇرۇلغان.

خوڭكوڭ ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016‏-يىلى 8‏-ئايدا قۇرۇش قارار قىلىنغان تۇنجى ساياھەت ساقچى ئەترىتى تۇرپاندا قوغداش ئىشلىرىنى باشلىغان. خوڭكوڭ «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپاندا قۇرۇلغان 30 كىشىلىك ساياھەت ساقچى ئەترىتى 17 ساياھەت ئورنىدا قوغداش ئېلىپ بارىدىكەن.

خەۋەردە، تۇرپاننىڭ تارىخىي يار يېزىسى ئۇلار قوغدايدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ پىلان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان ھەر خىل قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ يەنە بىر يېڭى ھالقىسى. ئۇ، ئۇيغۇر رايونىدا قوراللىق ساقچى ۋە ئازادلىق ئارمىيىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يول تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق ئائىلىلەرنى تەقىب قىلىش، «قۇلايلىق» ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرۇش، ئۇيغۇر يېزا-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئوي-پىكرى، دىنىي پائالىيىتى، يېزا ۋە شەھەر ئاتلاپ سەپەر قىلىشىنى كونترول قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن تەدبىرلەرنى ئالغان ئىدى.

بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ تەدبىرلەر نارازىلىق قوزغاپ، رايوننىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. 2013- ۋە 2014‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا قارشىلىق ھەرىكىتى ئەۋجىگە چىقىپ، خىتاي ساياھەتچىلەر تېز ئازايغان، بۇ، رايوندىكى خىتاي ساياھەت شىركەتلىرىگە قاتتىق تەسىر قىلغان. دائىرىلەر 2016‏-يىلى ساياھەتچىلەرگە مۇكاپات بېرىش، باجدا ئېتىبار بېرىشتەك بەزى تەدبىرلەرنى ئالغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساياھەت ساقچى ئەترىتى قۇرۇش ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەن. «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ساياھەت ساقچىلىرىنىڭ چارلاش، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش، شىكايەت بولسا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.