لاگېر شاھىتى سايراگۈل سائۇتباي گېرمانىيەنىڭ «نۈرېنبۇرگ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن

قازاق لاگېر شاھىتى سايراگۈل سائۇتباي 15-ماي كۈنى گېرمانىيەنىڭ نۈرېبۇرگ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق مۇراسىمدا 2021-يىللىق «نۈرېنبۇرگ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تاپشۇرىۋالغان.

نۈرېنبۇرگ تىياتىرخانىسىدا گېرمانىيەدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ قاتنىشىش بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق مۇراسىمدا مەزكۇر مۇكاپاتنى سايراگۈل خانىمغا نۈرېنبۇرگ شەھرىنىڭ باشلىقى ماركۇس كۆنىگ تاپشۇرۇپ بەرگەن. «نۈرېنبۇرگ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» گېرمانىيەنىڭ نوپۇزلۇق مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، باھالاش ھەيئىتى ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا سايراگۈل سائۇتباينىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك ھازىرغا كېچىكتۈرۈلگەن. باھالاش ھەيئىتى ئۆتكەن يىلى مۇكاپاتنىڭ سايراگۈلگە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ شىنجېن شەھىرى گېرمانىيەنىڭ نۈرېنبۇرگ شەھىرى بىلەن بولغان «قېرىنداش شەھەرلىك» مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان.

«نۈرېنبۇرگ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ تەشكىلىي ھەيئىتى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سايراگۈل سائۇتباينىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش يولىدىكى قاتتىق تەھدىت ۋە قورقۇتۇشلىرىغا قارىماي، «دۇنيانىڭ لاگېرلاردا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نېمىلەرنى پىلانلىغانلىقىنى بىلىشى ئۈچۈن شاھىتلىق بەرگەنلىكى»، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن جاسارىتىگە بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇنىڭغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا سايراگۈل سائۇتباينىڭ يولدىشى بىلەن ئىككى پەرزەنتىمۇ قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان. «نۈرېنبۇرگ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» 1995-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ مۇكاپات سايراگۈلنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ھازىرغا قەدەر 16 كىشىگە بېرىلگەن.