دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن، يەنى 1-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان سوتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن قېچىپ كەلگەن سايراگۈل ساۋۇتباينى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە چىقارغان ھۆكۈمىنى تەبرىكلىدى.
باياناتتا قازاقىستاننىڭ بۇ نۆۋەت ھەق ۋە ئادالەتنى ياقلىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قازاقىستاننىڭ سايراگۈلنىڭ كەچمىشى ۋە ئۇنىڭ قولىدىكى پاكىتلارغا ئاساسەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە قازاقىستان، پاكىستان، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىن 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى ئەسلىتىلگەن باياناتتا نۆۋەتتە سىياسىي پاناھلىق سەپىرىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلاردىن مالايشىيانىڭ قولىدا 11 كىشى، بۇلغارىيەنىڭ قولىدا 5 كىشى بارلىقى، بۇلارغىمۇ خىتاينىڭ قول سوزۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا يەنە خىتاينىڭ قول سوزۇشى بىلەن چېگرادىن چىقىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرى بۇ دۆلەتلەرنىڭ سوتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمىگە باغلىق بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ قازاقىستاننى ئۈلگە ئېلىشى كېرەكلىكى ئىشارەت قىلىندى.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قازاقىستاننى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلماسلىققا، سايراگۈل ساۋۇتباي دېلوسىدا كۆرسەتكەن ئادالىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن باشقا سىياسىي پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈنمۇ داۋاملىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلدى.