قازاقىستانغا قېچىپ چىققان سايراگۈل ساۋۇتباي ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتىلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرىدا خىتاي تىلىدىن دەرس ئۆتكەن. ئۇ قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىن ئۆزى لاگېردا كۆرگەن قاباھەتلىك ئەھۋاللارنى تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن 1-ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستان سوتى ئۇنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
ئۇنىڭ «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ لاگېردىكى كىشىلەر ئارىسىدا بىرمۇ خىتاي مەھبۇس يوق ئىكەن. مەھبۇسلارغا مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايچە ئۆگىتىلىدىغان بولۇپ، بۇنى قاتتىق ۋەزىپە قاتارىدا ئىجرا قىلىش شەرت ئىكەن، بۇنى رەت قىلىشقا ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس ئىكەن. ئۇلار ھەر كۈنى «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن ئىنقىلابىي ناخشىنى ئېيتىشى لازىم ئىكەن. لاگېردىكىلەر بىرەر ئېغىز خاتا گەپ قىلىپ سالماسلىق ئۈچۈن ئەتىگەنلىكى ئويغانغاندىن تارتىپ غىزالانغان ياكى تاھارەت سۇندۇرغان ۋاقىتلاردىمۇ ئېغىزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالىدىكەن. شۇڭا بۇ جايدا ھەرقاچان تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈرىدىكەن. لاگېردىكىلەرنىڭ تامىقى «شىفەن»، كۆكتات شورپىسى ۋە نان بولۇپ، ئۇلارغا گۆش بېرىلمەيدىكەن. ئەمما ئاشۇ تاماقلارمۇ تويغۇدەك بېرىلمەيدىكەن.
«يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ 2-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سايراگۈل قويۇپ بېرىلىپ ئەتىسى مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئەمما شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىڭلىسى ۋە ئىككى دوستى تۇتقۇن قىلىنغان. سايراگۈل بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «1-ئاۋغۇست كۈنى كەچ سائەت 6 دە سوت مېنى ئازاد قىلدى. ئەمما بۇ خۇشاللىقىم بىر سوتكىمۇ داۋام قىلمىدى. يېقىن كىشىلىرىم بىر كۈن ئۆتۈپلا مانا مۇشۇ يوسۇندا كۆزدىن يۈتتى. شۈبھىسىزكى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» دېگەن.