ئۆزبېكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ئېچىش ئۈچۈن بىخەتەرلىكنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە

ئۆزبېكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن پايتەخت تاشكەنتتىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر چوڭ يىغىنغا 11 ئۈن كۈن قالغان ئىدى.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ «ئۆزبېكىستان خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى 16 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن بارلىق خىلدىكى ئاپتوموبىللار ۋە تۆمۈر يول قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سىرتتىن تاشكەنت شەھىرىگە كىرىشىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تاشكەنت شەھىرىدە كوچىدا يۈرگەن پۇقرالارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش، تاشكەنت شەھىرىدە تۇرۇش رۇخسىتى يوقلارنىڭ شەھەردە تۇرماسلىقىغا ئائىت تۈزۈم يولغا قويۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

23 - 24 - ئىيۇن كۈنلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ ساھىبخانلىقى بىلەن تاشكەنتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ 15 - نۆۋەتلىك يىغىنى ۋە مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر چوڭ يىغىنغا رۇسىيە، خىتاي، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان پرېزېدېنتلىرى شۇنىڭدەك يەنە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تاشكەنت يىغىنىدا ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى مەزكۇر تەشكىلاتقا رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلىش ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.