بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ مىڭ خانىدانلىقى زامانىدا ياسالغان سەددىچىن سېپىلىنىڭ تەخمىنەن 30 پىرسەنتكە يېقىن قىسمى سۈنئىي بۇزغۇنچىلىق تۈپەيلى ۋەيران قىلىنغانلىقى مەلۇم.
مەلۇمكى، سەددىچىن سېپىلى خىتاي تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۇزۇندىن بۇيان دۇنياغا تەشۋىق قىلىپ كېلىنگەن زور تارىخىي قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى.
سەددىچىننىڭ قۇرۇلۇشى گەرچە مىلادىيە 3-ئەسىردىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 6300 كىلومېتىرلىق ئاساسىي بۆلىكى خىتاينىڭ مىڭ خانىدانلىقى زامانىدا ياسالغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ 2000 كىلومېتىرغا يېقىن قىسمى يېقىنقى بىرقانچە ئەسىرلەر جەريانىدا ۋەيران بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، سەددىچىن سېپىلىنىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان سۈنئىي ھالدا ۋەيران قىلىنىشىغا بىر تەرەپتىن خىتايدىكى پىلانسىز ساياھەتچىلىك بىلەن قارا-قويۇق تەرەققىيات رايونى ئېچىش ئىشى سەۋەب بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ خىش ۋە تاشلىرىنى ئوغرىلاپ كېتىشى سەۋەب بولماقتىكەن.
خىتايدىكى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مەخسۇس بەلگىلىمە ئېلان قىلىپ، سەددىچىن سېپىلىدىن خىش ياكى تاش ئالغانلارغا 5 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ھالبۇكى، خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا خېبېي ئۆلكىسىنىڭ سەددىچىنگە تۇتۇشىدىغان نامرات يېزا-كەنتلىرىدە ئولتۇرۇشلۇق خىتايلار سەددىچىندىن خىش ئوغرىلاپ، ئۇنىڭغا خىتايچە خەت ئويۇپ ھەر بىر دانىسىنى قاراڭغۇ بازاردا 30 سومدىن ساتىدىكەن.