خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ «كومپارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىنى تەبرىكلەش» پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە چىرا، گۇما، مارالبېشى ۋە شايار ناھىيەلىرىنىڭ خىتاي سېكرېتارلىرىنى تەقدىرلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 29-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ تۆت ناھىيەنىڭ سېكرېتارلىرى «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ناھىيە سېكرېتارلىرى» دېگەن تەقدىرنامىگە ئېرىشكەن. خەۋەردە بۇ شەخسلەرنىڭ سىياسىي مەيدانىنىڭ قەتئىي بولغانلىقى، شۇنىڭدەك ئەمەلىي تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 28-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بولسا بېيجىڭدا چاقىرىلغان «ئىككىدە مۇنەۋۋەر بىردە ئىلغار» بولغانلارنى تەقدىرلەش يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى خادىملىرى ۋە پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ 19 شەخسنى ھەمدە 11 ئورۇننى «ئالاھىدە شەرەپ» مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.
مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «خىتاي ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا تېخىمۇ يۈرەكلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىك» دېدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ توغرىسىدا توختىلىپ؛ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن ناھىيەلەردىكى خىتاي سېكرېتارلارنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئاكتىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ساقچى خادىملىرىنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. بۇ ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەبىئىتىنى تېخىمۇ ئاشكارا نامايان قىلىدۇ» دېدى.