26 - ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ھەرقايسىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى قول سېكرىتار ۋە مۇدىرلىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەركىن تۇنىياز يىغىندا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى قول مەسئۇللىرىغا دائىرىلەرنىڭ ئۈچ تۈرلۈك تەلىپىنى يەتكۈزگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈچ تۈرلۈك تەلەپنىڭ بىرى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشى مەسىلىسى بولۇپ، بىرىنچى قول سېكرىتار ۋە مۇدىرلار كومپارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەر خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي ئېڭىنى كۈچەيتىش، مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش قاتارلىق تەلەپلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
يىغىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى، خىتاي نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قاراماي شۆبىسى قاتارلىق 11 ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى قول مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل يازلىق تەتىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رايوندا سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەنگەنلىكى مەلۇم. سابىق قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ خىتاي سېكرىتارى بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى «ئىستۇدېنتلار ئەگەر سىياسىي ئۆلچەمدە لاياقەتسىز بولسا باكلاۋېرلىق دىپلومى بېرىلمەيدۇ،» دېگەن سۆزى ئەينى ۋاقىتتا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.