سېمافورنىڭ خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ئورگان بىلەن ھەمكارلىشىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى
2023.03.02
ئامېرىكادىكى «سېمافور» (Semafor) خەۋەر تورىنىڭ «خىتاي يەر شارىلىشىش مەركىزى»(CCG) دەپ ئاتالغان بىر بىر تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى جاكارلىشى، كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
«فوكس» خەۋەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، «خىتاي يەرشارىلىشىش مەركىزى» دەپ ئاتالغان بۇ ئورۇننىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ خۇياۋ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشى ئىكەن.
«سېمافور» نىڭ جاكارلىشىچە، ئۇلار خىتايدىكى بۇ تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ، «خىتاي ۋە يەر شارى سودىسى» ناملىق تەشەببۇسنى يولغا قويغان، ئۇلار بۇ ئارقىلىق «ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى ئىزدەۋاتقان دۇنيا سودا رەھبەرلىرى ئۈچۈن يېڭى سۇپا بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى» بىلدۈرگەن. ۋاڭ خۇياۋ بولسا مەزكۇر تەشەببۇسنى ياقلىغۇچى خىتاي مەسلىھەتچىلەر كومىتىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ئوخشاش ۋاقىتتا خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ قارمىقىدىكى بىر قانچە گۇرۇپپىنىڭمۇ مەسلىھەتچى ئەزاسى ئىكەن.
ئاۋستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاي يەر شارىلىشىش مەركىزى» خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنى ئىزدەش ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان «مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەتلىرى»نىڭ بىرى ئىكەن.
«سېمافور»نىڭ بۇ ھەرىكىتى بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۇ ھەقتە تىۋىتتېردا «ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھېلىھەم خىتايغا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. «سېمافور» بىلىپ تۇرۇپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى ۋە ئەزالىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىدى» دەپ يازغان.
ماركو رۇبىيو ۋە رىك سكوت قاتارلىق مەجلىس ئەزالىرى سۆزلىرىدە «ئەمدى بۇ خەۋەر ئورگىنى دېگەن ھېچقانداق گەپكە ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقى»نى بىلدۈرۈشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «سېمافور» ناملىق خەۋەر ئورگىنى 2022- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش مۇھەررىرى ئەسلىدىكى بوزفىد خەۋەرلەر تورىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى بەن سىمىس (Ben Smith) ئىكەن.