خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى 23 - ئاپرىل كۈنى ئەتىگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نارازىلىق خېتى يوللاپ، 23 - ئاپرېل سەھەردە سېنكاكو ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن سەككىز دانە خىتاي پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابىمۇ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «ئەگەر خىتاي تەرەپ ئارالغا چىقسا ياپونىيەنىڭ كۈچ قوللىنىدىغانلىقى» نى ئاگاھلاندۇردى.
23 - ئاپرىل شۇ جاي ۋاقتى سەھەردە، خىتاينىڭ 8 دانە چارلىغۇچى پاراخودى ئىگىلىك ھوقۇقى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تالاشتا قالغان سېنكاكو ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە 12 دېڭىز مىلى ئىچكىرىلەپ كىرگەن بولۇپ،خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ 8 دانە چارلاش پاراخودىنىڭ دېڭىزدىكى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، دىياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خۇا چۈنيىڭ يەنە، ياپونىيەنىڭ ئوڭ قانات پارلامېنت ئەزالىرىدىن 80 نەچچە كىشىنىڭ 21 - ئاپرېل توكيودىكى ياسۇكونى قەبرىستانلىقىنى تاۋاپ قىلغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بۇ قىلمىش، ياپونىيە ئوڭ قانات تەرەپدارلىرىنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى ياپونىيىنىڭ قوشنا دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلغانلىق قىلمىشىنى ئىنكار قىلغانلىق» دېدى.