ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى، ئادمىرال خاررىي خارىس، ئىگىلىك ھوقۇقى ياپونىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ (دياۋيۈ) ئارىلىدا توقۇنۇش پارتلىسا، ئامېرىكا ياپونىيەگە ياردەملىشىپ خىتايغا تاقابىل تۇرىدۇ، دېگەن.
خاررىي خارىس، سېنكاكۇ (دياۋيۈ) ئارىلىنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە ئورتاق بىخەتەرلىك شەرتنامىسىگە ئاساسەن قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئادمىرال خارىس بۇ سۆزنى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنى-ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا تەكىتلىگەن.
ئەمما ئۇ يەنە، خىتاينى پوتېنسىئال تاجاۋۇزچى، دەپ كۆرسەتكەن. پرېزىدېنت ئوبامانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىزچىل سېنكاكۇ ئارىلى 1960-يىلى ئىمزالانغان ئامېرىكا-ياپونىيە ئورتاق بىخەتەرلىك شەرتنامىسىنىڭ قوغداش دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھازىرغا قەدەر خىتاينى «پوتېنسىئال تاجاۋۇزچى» دەپ ئاتاپ باقمىغان ئىدى.
ئادمىرال خارىس يەنە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىدىكى ئايرودروم قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ھەربىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا بۇ ئاراللارنىڭ ئەتراپىدا داۋاملىق چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.