16 - نويابىر سېرقبۇيا ۋەقەسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.11.17


16 - نويابىر كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرقبۇيا يېزىسىدىكى ساقچىخانىدا بولغان توقۇنۇش ۋە ساقچىلارنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاساسلىق خەلقئارا مەتبۇئالتلار تەرىپىدىن تارقىتىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۇزۇن خەۋەر ئانالىزى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مەنبەلىرى ئاساسىدا ۋەقەنىڭ ئۆتمۈشى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇنداق ۋەقەلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ھەققىدە ئانالىز ۋە كۆز قاراشلارنى تونۇشتۇردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىمۇ سېرقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە ئۇزۇن خەۋەر ئانالىز ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ سۆزى ئاساسىدا ۋەقەدە 11 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئەسلىدە ۋەقەنىڭ ساقچىخانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بارغان كىشىلەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئوق چىقىرىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

بۇ ۋەقەلەر ھەققىدە يەنە ب ب س، رويتېرس، ئامېرىكا ئاۋازى، تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا كۆپلىگەن خەۋەر ۋاسىتىلىرى ئارقىمۇ - ئارقىدىن قىسقا خەۋەر ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇچۇرلار تارقاتتى.

رادىئومىزىڭ ئىگىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى مارالبېشى قاتارلىق جايلاردا بىخەتەرلىك تەبىرلىرى ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ئادەملەرنى توختىتىپ، كىملىكلىرىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نازارەت تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن،ھەتتا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دائىرىلەر شۇ جايدىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بىرمۇ - بىر تېلېفون قىلىپ، ئۇلارغا ۋەقەنى ئۇقتۇرۇپ، ھۇشيار بولۇشقا دەۋەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.