خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھىد شاھزادىسى، يەنى تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سالمان خىتاينىڭ «تېررورلۇق» ۋە «رادىكاللىق» قا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ 22-فېۋرال كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ سۆزلەرنى قىلغان.
مۇھەممەت بىن سالمان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى قاتتىق چەكلەپ، 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا خىتاينى زىيارەت قىلدى. شۇڭا، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ بلۇمبېرگ خەۋەرلىرىدە 21-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، سەئۇدى خان جەمەتىنىڭ ئۆزىنى «ئىككى ھەرەمنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ ئاتايدىغانلىقى، شۇڭا، مۇھەممەد بىن سالماننىڭ لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى، بۇ ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ناچار ئوبرازىنى ياخشىلىشىغا ئازراق بولسىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مۇھەممەد بىن سالمان شى جىنپىڭغا «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەققى بار» دېگەن.
لېكىن، بىن سالماننىڭ راست بۇ سۆزنى قىلغان-قىلمىغانلىقى ھازىرغا قەدەر سەئۇدى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان ھازىرغا قەدەر باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە سۈكۈت قىلىپ كەلگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بىن سالماننىڭ زىيارىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەسىللىك يىغىنى باشلىنىش ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغان.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە، يىغىندا خىتاينىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سەئۇدىلىق ژۇرنالىست جامال قوشۇقچىنىڭ ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.