رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ھۆكۈمەت كابىنتى 29-مارت كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا دىيالوگ شېرىكى سالاھىيىتى بىلەن كىرىشىنى ماقۇللايدىغان بىر قارارنامىنى رەسمىي تەستىقلىغان. مەزكۇر خەۋەرنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA تارقاتقان ئىكەن.
2001-يىلى خىتاي باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق 6 رەسمىي ئەزاسى بار بولۇپ، بۇ ئورگان 2017-يىلى تۇنجى قېتىم ھىندىستان ۋە پاكىستاننى ئەزا دۆلەت قىلىپ قوشقان ئىدى. ئىران بۇلتۇر ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان.
«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئەزا دۆلەتلەر ئارا ھەربىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر تەشكىلات بولۇپ، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم نىشانىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئاساس قىلغان غەربىي چېگراسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىياغا سوزۇلغان «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا قاتنىشىش مەسىلىسى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغاندا مۇزاكىرە قىلىنغان ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرقتىكى يېقىن شېرىكى بولۇپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭمۇ قوللىغۇچىسىدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇھەممەت بىن سالمان بۇلتۇر 4-ئايدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئورگان ھازىر خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ رايوندا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشتەك ئارزۇسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتقا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىشى، كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتىكەن.