ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن زايىد ئال-ناھيان 22-ئىيۇل بېيجىڭدىكى زىيارىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى» نى كۈچلۈك يوسۇندا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستاندا چىقىدىغان «سۈبھى» (Dawn) گېزىتىنىڭ 23-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇھەممەد بىن زايىد ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە شى جىنپىڭغا سۆز قىلىپ، «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىغا يۈكسەك دەرىجىدە قايىل،» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئاڭلىتىلغان.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مۇھەممەد بىن زايىد سۆزىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىكتە «ئاشقۇن تېررورچى كۈچلەر» گە زەربە بېرىشتىكى «بىرلەشمە جەڭگە» قاتنىشىدىغانلىقىنى، يەنى بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەپ كۆرسىتىشتە «باھانە» بولۇۋاتقان ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى يوقىتىشتا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇھەممەد بىن زايىدنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خەلقئارادىن چىقىۋاتقان نارازىلىق پىكىرلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «دوست ئىزدىنىۋاتقان» مەزگىلىگە توغرا كەلگەن.
12-ئىيۇل خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى قوللاپ ب د ت غا خەت يازغان 37 دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ بار ئىدى. دېموكراتىك ئەللەر بۇ دۆلەتلەرنىڭ قىلمىشىغا كۈچلۈك رەددىيە بېرىۋاتقان پەيتتە مۇھەممەد بىن زايىدنىڭ خىتاي زىيارىتى خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان.
كۆزەتكۈچىلەر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئوخشاش بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ خىتايغا «يانتاياق» بولۇۋاتقانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېيىشمەكتە.