خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 28-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مۇشۇ يەكشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن شاڭخەي بىلەن قاراماي ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا قاتنىشى رەسمىي باشلىنىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «شەرقىي خىتاي ھاۋا يوللىرى» شىركىتى بۇ قاتناشقا مەسئۇل بولۇپ، ھەپتىدە تۆت كۈن ئايروپىلان قاتنايدىكەن. قاراماي قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى گوچياڭ 27-ئىيۇن كۈنى مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ قاتناش يولى چاڭجياڭ ۋادىسىدىكى خەلقلەرنىڭ قاراماي رايونىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە خىزمەت قىلىدۇ» دېگەن. لەنجۇ شەھىرىدىن قارامايغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان قاتنىشىمۇ 7-ئايدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ تەرىقىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپلىگەن ئايرودروملارنى سالغان ھەمدە ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكى مەلۇم. ئەمما «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مەركىزى»نىڭ 2023-يىلىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپەيتىپ سېلىنىۋاتقان ئايرودروملىرى كۆپىنچە ھەربىي ئېھتىياجنى كۆزلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدا غەرب تەرەپتىن كېلىدىغان بارلىق خەۋپسىزلىك ئامىللىرىغا تاقابىل تۇرۇش مۇھىم مەقسەت قىلىنغان ئىكەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا تاشيول قۇرۇلۇشىمۇ زور سۈرئەت ۋە كۆلەمدە ئېشىپ ماڭغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىدا بۇ خىلدىكى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىش خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈرلۈك غەمخورلۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ كەلمەكتە.