شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى 28 ۋە 29-نويابىر كۈنلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھىندىستان، ئافغانىستان، ئىران، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يىغىنغا كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر قاتارىدا تەكلىپ قىلىنغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
«جۇڭگو گېزىتى» ئامېرىكا نەشرىنىڭ خەۋىرىدە، ئەگەر ئەزا دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى ئورتاق تەدبىر ئېلىشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالىسا، بۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا تىنچلىق، مۇقىملىقنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق خىتاينىڭ قانداق تەدبىر ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
بۇ قېتىملىق يىغىن خىتاي تيەنئەنمېندە 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 5 كۈن ئاۋۋال 9 نەپەر ئۇيغۇر مارالبېشى سېرىقبۇيا ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 12 ئادەم ئۆلگەن، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغان پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
خىتاي تىيەنئەنمېن ھۇجۇمىنى «تېررورلۇق» دېگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى غەرب ئانالىزچىلىرى ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئامالسىزلىق ئىچىدىكى نىداسى»، دەپ تەرىپلىگەن.
خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن گوپىڭ، يىغىندا ئەزا ئەللەرنىڭ 3 خىل كۈچلەرگە بولۇپمۇ، ش. ت. ئى. ھ گە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ قاتنىشىدۇ.