جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ 14 قېتىملىق يىغىنى 14-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە باشلانغان.
يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى قاتناشقان. ئۇندىن باشقا ئافغانىستان، پاكىستان، ئىران، ھىندىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا سودا-تىجارەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنى بەرپا قىلىش ھەمدە خەۋپسىزلىك بويىچە شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك 3 چوڭ تېما مۇھاكىمە قىلىنغان.
مەلۇمكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، 2001-يىلى سېنتەبىردە قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا تۇنجى يىغىننى ئۆتكۈزگەندىن بۇيان، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر نۆۋەت بويىچە يىللىق يىغىنغا ساھىبخان بولۇپ كەلمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى گەرچە ئىقتىسادىي ۋە سودا جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بىر لاگېردەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۈپ نىشانى رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، جۈملىدىن ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇق» قا قارشى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىش بىرلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ، دەپ قارىماقتا.