فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى رەسمىي ھالدا جاكارلىغان. ھىندىستان ۋە پاكىستان رەھبەرلىرى ھەر ئىككىسى بەرگەن باياناتلىرىدا تەشكىلاتتا ئاكتىپ ۋە ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت كەشمىر مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئىزچىل يىرىك بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ھازىر ئاستانادا ئېچىلىۋاتقان يىغىنىدا ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنلىكى، بېيجىڭ ۋە موسكۋانىڭمۇ بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئۈمىد بىلەن قارىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» 2001- يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەزا سانىنى كۆپەيتىشى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەڭ كۆپ زېمىن ۋە نوپۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون خاراكتېرلىك بىر تەشكىلات بولۇپ قالغان. بىراق، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، بۇ تەشكىلاتنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك تەشكىلاتلىقىنى، خىتاي بىر ياقتا بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى بويىچە ئۆز تىجارىتىنى قىلسا، رۇسىيەنىڭ يەنە بىر ياقتا «ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىساد ھەمكارلىقى» تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۆز تىجارىتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
خىتاي باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق 6 رەسمىي ئەزاسى بار ئىدى. ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن رەسمىي ئەزا سانى 8 گە يەتتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر ئارا ھەربىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلغان بىر تەشكىلات بولۇپ، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.